添加收藏 / 设为首页

此页面上的内容需要较新版本的 Adobe Flash Player。

获取 Adobe Flash Player

  当前位置:司法为民 -> 便民服务

人民法院如何处理当事人的管辖异议

  发布时间:2016-03-03 17:14:44


خخەلق سوت مەھكىملىرى باشقۇرۇش تەۋەلىكىنى قانداق بېكتىپ بېرىدۇ خېلى بىر قىسىم داۋالاشقۇچىلار جاۋابكار باشقا جايدا بولغىنى ئۈچۈن قەيەرگە داۋا قىلىشنى ئۇقالماي نۇرغۇن ئەگرى-توقاي يوللارنى ماڭىدۇ،ياكى خەلق سوت مەھكىمسىنىڭ باشقۇرۇش تەۋەلىكىنى بېكىتىپ بېرىدىغانلىقنى ئۇقالماي ئاۋارە بولىدۇ،شۇنىڭ ئۇچۇن داۋالاشقۇچىلار جاۋابكار قەيەردە بولۇشىدىن قەتىنەزەر سون مەھكىمسىگە ئالدى بىلەن ئۇنىڭ تەۋەلىكىنى بېكتىپ بېرىش توغرىسدا ئىلتىماس قىلىپ ،تەۋەلىكىنى بېكتىپ بەرگەندىن كېيىن داۋا قىلىش كىرەك.مۇشۇنداق قىلغاندا خېلى كۆپ چىقىمنى تېجەپ قالغاندىن باشقا،نۇرغۇن ئاۋارىچىلىقلاردىنمۇ ساقلانغىلى بولىدۇ. ھەق-تەلەپ قانۇننڭ مۇناسىۋەتلىك ماددىلىرىدا خەلق سوت مەھكىمىسى قوبۇل قىلىنغان دېلونىڭ ئۆز مەھكىمسىنىڭ باشقۇرۇش تەۋەلىكىگە كىرمەيدىغانلىقنى سەزسە ،ئۇنى باشقۇرۇش ھوقۇقىغا ئىگە خەلق سوت مەھكىمسىگە ئۆتكۈزۈپ بېرشى كېرەك.ئۇنى ئۆتكۈزۋالغان خەلق سوت مەھكىمىسى قوبۇل قىلشى كېرەك.ئۆتكۈزۈۋالغان خەلق سوت مەھكىمىسى ئۆتكۈزۈۋېلىنغان دېلو بەلگىلمە بويىچە مەھكىممىزنىڭ باشقۇرۇش تەۋەلىكىدە ئەمەس، دەپ ھېسابلىسا ،ئۇنى ئۆز مەيلىچە ئۆتكۈزۋەتمەي ،يۇقىرى دەرىجىلىك خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ باشقۇرۇش تەۋەلىكىنى بېكتىپ بېرىشكە يوللىشى كېرەك. باشقۇرۇش ھوقۇقىغا ئىگە سوت مەھكىمىسى ئالاھىدە سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن باشقۇرۇش ھوقۇقىنى يۈرگۈزەلمىسە،يۇقىرى دەرىجىلىك خەلق سوت مەھكىمىسى باشقۇرۇش تەۋەلىكىنى بېكتىپ بېرىدۇ.خەلق سوت مەھكىمىلىرى ئوتتۇرسىدا باشقۇرۇش ھوقۇقى ئۈستىدە تالاش-تارتىش قىلغۇچى ئىككى تەرەپ كېڭشىپ ھەل قىلىدۇ،كېڭىشىپ ھەل قىلالمىغانلار باشقۇرۇش تەۋەلىكىنى بەلگىلەپ بېرىشنى ئىككى تەرەپ ئورتاق قارايدىغان يۇقىرى دەرىجىلىك خەلق سوت مەھكىمسىنىڭ بېكتىپ بېرەشىگە يوللايدۇ. خەلق سوت مەھكىمىسى دەۋا خېتىنى ياكى ئاغزاكى دەۋانى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن تەكشۇرۇپ ،دەۋا شەرتىگە توشىدۇ دەپ قارىغانلىرىغا يەتتە كۈن ئىچىدە دېلو ئېچىشنى ھەمدە دەۋالاشقۇچىلارغا ئۇقتۇرۇش قىلشى كېرەك.دەۋا شەرتىگە توشمايدۇ، دەپ قارىغانلىرىدا قوبۇل قىلمايدىغانلىقى ھەققدە يەتتە كۈن ئىچىدە كېسىم چىقىرىشى كېرەك.دەۋاگەرلەردىن كېسىمگە قايىل بولمىغانلىرى نارازىلىق ئەرز قىلسا بولىدۇ. دەۋالاشقۇچىلاردىن يەرلىك خەلق سوت مەھكىمىلىرىنىڭ 1-سوت كېسىمىگە قايىل بولمىغانلىرى كېسىمنامە يەتكۈزۈلگەن كۈندىن باشلاپ ئون كۈن ئىچىدە بىر دەرىجە يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسىگە نارازىلىق ئەرز بېرشكە ھوقۇقلۇق،دەپ بەلگىلەنگەن. پەيزاۋات ناھيىلىك خەلق سوت مەھىكىمسىدىن تۇرسۇنگۇل ساقى

文章出处:审管办    

关闭窗口